ئەسكەرتىش

 ئاستىدىكى مەزمۇن نۆل سەۋىيىدىكى كومپيۇتېر ئۆگىنىۋاتقانلارغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارغا پىششىق بولسىڭىز بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىڭ،ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ يازمىدىكى مەزمۇنلارنى سىز بىلگەن بىلەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن تورداشلار بار،يازمىنى شۇلار ئۈچۈن تەييارلىدۇق،شۇڭا بۇنداق ئاددى نەرسىنىمۇ يوللامدۇ دىگەندەك تەكلىپ پىكىرلەرنى قالدۇرشىڭىز ھاجەتسىز!!!!!!!!!!

دىتال توربىكىتىمىزنىڭ دىتال مەنبەسى ھەققىدە

 دېتال تور بېكەت يۈزىدە ھەر بىر دېتال  ئىگىلىگەن سىغىم ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن  ھازىرغىچە بولغان دېتاللارنى  بىز ئۈچ خىل تور دىسكا(123 توردىسكىسى،بەيدۇ
تور دىسكى،لەنزۇ تور دىسكى) سۇپىسىغا يوللاپ كېلىۋاتىمىز. نۇرغۇن دوستلار  بۇ ئۈچ تور دېسكىسىدىن ماتېرىيال چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىغا
ناھايىتى پىششىق بولسىمۇ، كومپيۇتېر بىلەن يېڭىدىن ئۇچراشقا ياكى ياشقا بىر قەدەر
چوڭ تورداشلار  بىزنىڭ دېتال تور
بېكىتىمىزدىن ماتېرىيال چۈشۈرۈشتە يەنىلا قىينىلىۋاتقانلىقىنى قايتا قايتا ئىنكاس
قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييار قىلدىم. تور بېكىتىمىزدىن ماتېرىيال
چۈشۈرۈشتە مەسىلە يولۇققان بولسىڭىز ، بۇ مەزمۇننى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ

 ئالاھىدە ئەسكەرتمە

 تور بېكىتىمىزگە ئاساسلىق كومپيۇتېر دېتاللىرى ئاساس قىلىپ يوللانغانلىقى ئۈچۈن  بېكىتىمىزنى چۇقۇم تور كۆرگۈچ ئارقىلىق كومپيۇتېردا ئېچىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. كومپيۇتېردا بىۋاسىتە ئۈندىدار تور كۆرگۈچى ئىچىدە ئاچسىڭىز بەزى ئىقتىدارلىرىنى نورمال ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىش قىلدۇق. نۆۋەتتە بېكىتىمىز نورمال ئىشلەيدىغان تور كۆرگۈچىلەر تىزىملىكى تۆۋەندىكىدەك .

QQ浏览器,360极速浏览器,狐狸浏览器,safira浏览器,chrome浏览器,234浏览器,edge浏览器,Firefox 火狐浏览器,极速浏览器,搜狗高速浏览器,猎豹浏览器,UC浏览器

يۇقاردا ئىسمى  تىلغا ئېلىنغان  ھەر قانداق بىر تور كۆرۈشتە بېكىتىمىزنى ئاچسىڭىز نورمال ئىشلىتەلەيسىز . ئەگەر تور بېكەتنى نورمال ئىشلىتىش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلسە يۇقاردا تىلغا ئېلىنىدىغان خالىغان بىر تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ .

لەنزۇ تور دىسكىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1.سىغىمى بىر قەدەر كىچىك بولغان دېتاللار بىردەك لەنزۇ تور دېسكا بوشلۇقىغا يوللاندى، بۇ تور دېسكىسىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىك بولسا بىر كۇنۇپكا بىلەن چۈشۈرۈشكە بولىدۇ تور دېكىسىغا سىزنىڭ ئەزا بولۇپ تىزىملىتىشىڭىز ياكى ئالاھىدە ئەزالىق ئاچقۇزۇشىڭىز ھاجەتسىز. بۇ تور دېسكىسىنىڭ چۈشۈرۈش كۆرۈنگۈچى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولۇپ،سىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆرۈنمە يۈزىگە كىرگەندىن كېيىن ئاستىدىكى قىزىل كۇنۇپكىنىڭ خالىغان بىرسىنى بېسىپ دېتالنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ .

123 تور دىسكىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

يەنە بىر قولاي تور دىسكا بولسا 123تور دىسكىسى، بۇ تور دېسكىسىنى تاللاشتىكى  سەۋەبىمىز بولسا ناھايىتى ئاددىي يەنە ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن قولاي بولسۇن ئۈچۈن. سەۋەبى بۇ تور كۆرگۈشتە ھەممەيلەنگەن چوڭ سېغىنىدىكى ماتېرىياللارنى تىزىملاتماي ئەزالىق ئاچقۇزماي سۈرەت چەكلىمىسىز ئەڭ تېز سۈرەتتە چۈشۈرۈپ پايدىلىنالايسىز،ئۇنداقتا تۆۋەندىكى چۈشەنچىگە دىققەت قىلىڭ. تۆۋەندىكىسى بۇ توردىشكىغا ھەمكارلىگەن ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈش ۋە كۆرۈم يۈزى .

ئەگەر سىز دېتال چۈشۈرۈشتە بۇ خىل بەت كىرىم يۈزىگە ئۇچرىسىڭىز تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ .

 بۇ بەتتىن ماتېرىياللارنى تىزىملاتماي بىۋاسىتە چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ چۈشۈرۈشكە بولسىمۇ،تور كۆرگۈچىلەرنىڭ چۈشۈرۈش سۈرىتى بىر قەدەر ئاستا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپ،چۈشۈرۈش دېتالىدىن پايدىلىنىپ تېز سۈرەتتە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ بۇ يەردە بىز كۆپچىلىككە IDMچۈشۈرۈش دېتالىنى تەۋسىيە قىلىمىز. تۆۋەندىكى ئادرېس ئارقىلىق تېز سۈرەتتە چۈشۈرۈش دېتالىنى چۈشۈرىمىز.

https://uisoft.lanzoul.com/iOSH70gq8r0d

 دېتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پىرىستىن يىشىپ ئىچىدىكى !绿化.bat دىگە ھۆججەتنى قوش چىكىپ ئىجىرا قىلساق ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك:

ئۈستەل يۈزىگە  ئاستىدىكى رەسىمنى كۆرستىلگەندەك سىن بەلگىدىن بىرنى قۇرۇپ بىرىدۇ، بىز بۇ سىن بەلگىنى قوش چېكىپ ئاچقاندىن كىيىن دىتال چۈشۈرۈشنى باشلىساق بولىدۇ.

 ئۇنداقتا ئاۋۋال بىز تور كۆرگۈسىنى ئېچىپ چۈشۈرمەكچى بولغان دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئېچىۋالىمىز.( بۇ يەردە مەن CHROME تور كۆرگۈچىنى مىسال قىلىپ ئۆتەي بۇ مەشغۇلاتنى سىناش جەريانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا سىزمۇ CHROME تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىڭ) چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك .

 رەسىمدىكى ئەسكەرتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ .

 

 بىز توركۆرگۈچتە بىۋاسىتە چۈشۈرۈش مەشغۇلات قىلساق ۋاقىت جىق كىتىدۇ، مەسىلەن،بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن كېتەرلىك ۋاقىت بىر سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز
ئون مىنۇت ئىچىدىلا بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بولالايسىز .

 رەسىمدىكى ئەسكەرتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ 

 

 رەسىمدىكى ئەسكەرتمە بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ 

 يۇقاردا رەسىمنى كۆرسىتىلگەن كۆزنەككە،بىز كۆچۈرۈۋالغان چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چاپلاپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

ئاندىن ئاستىدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىپ  يۇقىرى سۈرەتتە تىز چۈشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى .

 يۇقىرىدىكى رەسىمدىن بايقىيالايمىزكى ئەسلىدە بىر سائەتتە چۈشىدىغان ماتېرىيالنى ، ھازىر ئون ئۈچ مىنۇتتا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ چۈشۈرۈش سۈرىتى مانا مۇشۇنداق تېز .

بەيدۇ تور دىسكىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

 بەيدۇ تورغا چىقىشتىن ماتېرىيال چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئاستىدىكى سىنلىق دەرىستىن كۆرۈڭ. ئەگەر ئاستىدىكى سىن ئۇسۇلى بويىچە چۈشۈرۈشنى بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق دەپ قارىسىڭىز ئالاھىدە ئەزالىققا ئاچقۇزسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بەيدۇ دىسكىسىدىن ماتىريال چۈشۈرۈش دەرىسلىكى

تىخنىكا مۇلازىمىتىمىز

 دېتال قاچىلاش تەڭشەش سىستېمىنى قايتا قاچىلاش سىستېما رېمونت قىلىش ئىشلىرىدا ئېھتىياجىڭىز بولسا ئاستىدىكى ئۈنۈملەرنى قوشۇپ ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ مۇلازىمىتىمىز ھەقلىق ئېلىپ تەمىنلىنىدۇ .