游戏版 Win11_22H2ئويۇن ۋە ئىخچام نۇسخسى

 بۇ قېتىمقى يوللانغان ئىخچام نۇسخىسى بولسا  مىكروسوفىت ئورگان تەرەپ 2023- يىلى 5- ئايدا ئېلان قىلغان نەشىر ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن ۋە ئىخچاملاشتۇرۇلغان نۇسخىسى بولۇپ سىستېمىغا ئويۇن ئويناشتا دائىم ئىشلىتىدىغان ئىجرا مۇھىت ئامبىرى ئالدىن قاچىلاپ تەييار قىلىنغان. سىستېمىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى بولسا 2.7 گىگابايىت ئەتراپىدا بولۇپ. سىستېما تىنچ ھالەتتە ئارقا ئارقىدىن ئىجرا بولىدىغان سىستېمىنىڭ ئاساسىي يۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن قىستۇرمىلار ئاساسەن دېگۈدەك قىسقارتىلگەن.

 

 بۇ قېتىم يېڭىلانغان ئىخچام نۇسخىغا ، ئويۇن ئويناشتا ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان ئىجرا مۇھىتى ئالدىن قاچىلانغان بولغاچقا ، ئىشخانا ئىشلىرى ۋە ئويۇن ئويناشتا سىزنىڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ. لېكىن بۇ يەردە يەنە ئۇسسۇلچى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى سىستېما ئىخچاملاش جەريانىدا  سەۋەنلىكلەر تۈپەيلىدىن قىسمەن نۇقسانلار بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بىز خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرلاردا كۆپ قېتىم سىناپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىشىگە تەۋسىيە قىلدۇق ھەم بەھىرلىدۇق. ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . سىستېما ئاساسىي كۆرۈنمە يۈزلىرى تۆۋەندىكىدەك:

 سىستېما تىنچ ھالەتتە تۇرغاندىكى ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىش ئىشلەش ھالىتى تۆۋەندىكىدەك .

 

 سىستېما ئەسلىدە بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان،بىز ئىشلىتىشكە ئېھتىياجىم چۈشمەيدىغان قىستۇرمىلارنىڭ ھەممىسىدەك قىسقارتىۋېتىلىپتۇ.

 

 ئۇنىڭدىن باشقا سىستېمىنى ئوڭ چەككەندىكى تىزىملىكwindows10 ھالىتىگە قايتۇرۇۋېتىلىپتۇ، سىستېمىنىڭ ئوڭ چەكمە تىزىملىك ھالىتىwindows11 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكەن نۇرغۇن دوستلىرىمىزنىڭ باش ئاغرىقىغا ئايلانغان مانا بۇ سىستېمىنى قاچىلىسىڭىزلا  بۇ باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلىسىز دېگەن گەپ.

 

 ئويۇن خۇمارلار ئۈچۈن ئويۇن ئويناشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىجرا مۇھىتلارنىڭ قاچىلىنىشى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ ئەمدى ئويۇن ئوينىغاندا ئۇنداق مۇنداق كىچىك خاتالىقلارنى ئەسكەرتىشىدىن خالىي بولالايسىز .

 

 پەۋقۇلاددە ئالاھىدە ئەسكەر

 سىستېما قاچىلاشنى بىلمىسىڭىز يىلانغا پۈت سىزىپ يۇرمەڭ، ئاۋۋال ئاستىدىكى ئۇلانمىدىن پايدىلىنىپ سىستېما قاچىلاش دەرسلىكىنى بىر قۇر كۆرۈۋەتكەندىن كېيىن سىنىسىڭىز بولىدۇ. بىز پەقەت ئىخچام ھالەتتىكى ئەڭ پاكىز سىستېمىنى سىزگە ھەقسىز تەمىنلىدۇق.سىستېما قاچىلاش جەريانىدىكى مەشغۇلات سەۋەنلىك
تۈپەيلىدىن قاتتىق دېسكىڭىزنىڭ فورماتلىنىپ كېتىشى سېستىما ياكى بىز بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز.

ئەگەر سىستېما قاچىلاشنى بىلمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى كەسپىي تېخنىك خادىملارغا قاچىلىۋېتىڭ. سىستېمىنى قاچىلاپ بارلىق ئىشلار تۈگىگەندە سىلەر تەمىنلىگەن سىستېمىنى قاچىلىغان ئىدىم كومپيۇتېرىمنىڭ قاتتىق قىزىقىشى يۇيۇلۇپ كېتىپتۇ دەپ ئادەم تىللاپ يۈرمەڭ. سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن قىممەت دەپ ئۆچۈپ كەتسە ئەسلىگە كەلمىكى ھەقىقەتەن تەس . 

سىستىما چۈشۈرۈشتە دىققەت قىلدىغان ئىشلار

سىستېما چۈشۈرۈش بېتى كىرگەندىن كېيىن يۇقىرىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تاللاپ تۇرۇپ چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردە مەن كۆپچىلىككە يۇقارقى بىر قانچە خىل نەشىرنىڭ پەرقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرەي. سىستېما ھۆججەت ئەڭ ئالدىدىكى 【salon:danix达尼西】 ئالدىدىكىسى بولسا بىزنىڭ سالون ئىزدەش نامىمىز،【美化版】 بولسا گۈزەللەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.【游戏版】 ئويۇن نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.无更新 سىستېمىنىڭ يېڭىلاش قىستۇرمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن سېستىما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.可更新 سىستېمىنىڭ كېيىن يېڭىلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .【salon:danix达尼西】适用Win11精简版的其它恢复组件及优化说明文件 ئەڭ ئۈستىدىكى بىرىنچى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە مۇھىم بولغان قىسقارتىۋېتىلگەن قىستۇرمىلارنى قايتا قاچىلاشقا بولىدىغا قاچىلاش بۇلاقلىرى زاپاسلاپ قويۇلغان بولۇپ ئەگەر سېستىما ئىشلىتىش جەريانىدا ئېھتىياجىڭىز بولسا شۇنىڭ ئىچىدىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .

قاچىلاش دەرىسلىكىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ

دەرىسنى كۆرۈش

سېستىما چۈشۈرۈش ئادىرسى

https://www.123pan.com/s/VHqDVv-696Eh.html

© يازما باياناتى
UISOFT.TOP
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ
点赞16 تارقىتىش